تەرجىمە قىلغۇچىسىدىن
ئەسەر ۋە ئاپتورى ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە
قولىڭىزدىكى “تاریخ فرغانە و كاشغر”، محمد ظریف قارى حاجی دامللانىڭ ئەسەرى دۇر. ئاپتورنىڭ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى كۆپ دەۋرى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى قەشقەر شەھرىدە ئۆتكەن. ئاپتور بۇ ئەسەرىنى يارىتىشتا، ئېغىزكى رىۋايەت ياكى خەلق ئارىسىدا ئەيتىلىپ يۈرگەن چۆچەكلەرنى ئاساس قىلىغان ئەمەس. بەلكى بۇ كىتابدا بايان قىلىنغان ۋاقئەلىكلەرگە بىۋاستە ئۆزى قاتناشقان. پەرغانە خانلىقى دەۋرىدە خانلىق ئوردىنىڭ باش مىرزىسى / خانلىقنىڭ كاتىبى / سىياسى، ئىقتىسادى ئىشلەردە ھوقۇقلۇق ئەربابلاردىن بولغان. ۋە پەرغانە خانلىقى چاروسىيە جاھاڭىرلىکى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىن، ياقۇب بەگ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە شىنجاڭغا كېلىپ ياقۇپ بەگنىڭ مەخسۇس موھۇردارى/ ياقۇب بەگ نامىدىكى مەخسۇس موھۇرىنى تۇتۇقۇچى/ ھەربى، سىياسى ئىشلەرگە مەسئۇل ئەمەلدارى، كېيىن ياركەندنىڭ ۋالىسى بولغان. ۋە ياقۇب بەگ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتى مەركەز قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يىمىرىلگەندىن كېيىن، يەنە مەلۇم ئىجتىمائى سەۋەبلەر بىلەن قەشقەردە تۇرۇپ قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەيرخاھلىقى ۋە زور ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلغانلار قاتارىدا پەرگانە تەرەپكە قايتىپ كېتىپ خوجەنددە ئورۇنلۇشۇپ، 1324-ھىجۇرىيەدە/1906/ 81 يىشىدا ۋاپات بولغان. مۇھەممەت يۇنۇس جان “شاغائۇل دادخۋاھ”نىڭ قالدۇرغان خاتىرە ۋە ھۈججەتلىرى ئەينىدە يېزىپ چىققان
ئاپتور بۇ ئەسەرنى ئىشلەشتە پارسى تىل لۇغىتىدە يېزىپ چىققان. پارسى بولغاندىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ ؟؟؟؟؟ئىستى؟؟؟ لىق تەسرى؟ ئۇسلۇپتا ۋە ئەرەپچە، پارسچە شىيرلەر بىلەن كونا پارسمۇ ئەللىپلىرىنىڭ تەرزىدە يازغان. باپ-پەسل /پاراگراف/لەر ؟؟؟مىغان. بولۇپمۇ ئەللىپنىڭ دەسلەپكى قېتىم ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان. كوپىيە نۇسخىسى بويىچە ئاددىلا تىكىلىپ ساقلانغان. ھەتتا ئەدىبى جەھەتتە تەھرىر قىلىشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتىمۇ ئەسكەرتىلمىگەن
ئەسەر 1960 يىلى 6-ئايدا قەشقەر شەھرىدە مەلۇم بىر كىشىنىڭ قولىدىن مىنزۇ يەنجۇسونىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكەن ئىدى. بۇ كىتاپنى تىپىۋىلىشتا ؟؟؟؟؟ بولغان كىشىنىڭ ئەيتىشچە ۋە ئۆزىمىزنىڭ ؟؟؟؟ قىلىشىمىزچە ئاۋتور بۇ ئەسەرىنى تەخمىنەن ؟؟؟؟؟دىن 35-40 يىللار بۇرۇن يېزىپ چىققان بولۇپ، نەشر قىلىش ئىمكانىيەتگە يېتىپ بولغۇچە شىڭ شى سەي تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىپ ئەسەر بىر بولۇڭدا كومۇلۇپ قالغان. ئاپتور 7-8 يىللار چاماسدا شىڭ شى سەي تۇرەملىرىدا تۇرۇپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، قەشقەرغە قايتىپ بارماي، غۇلجىدا ئورۇنلۇشۇپ ئۇرۇق-قاياشلىرى بىلەن ھايات كۇچۇرگەن. ئەسەرنىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىگىنى بىلەلمىگەن. ئەسەر يەنجۇسونىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكەندىن كېيىن، يەنجۇسو ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى يولداشلار كېڭىشىپ كۆرۈپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈش بىلەن يەنجۇسودا پارس تىلىدىن 1-قېتىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى پەرغانە خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تۇزۇلۇشى ۋە خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىسىسىكى تۇرلۇك مىللەت ئەل-خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ھاياتى، ئۆز-ئارا ئىجتىمائى مۇناسىۋەت سىنىپى زىددىيەت [–پ.3–] جەڭ جىدەللىرى، بۇ مىللەت ئەل-خەلقلەرنى ئىدارە قىلىش يۇزمدىن ھاكىمىيەت بىشىغا چىقىۋالغان فىئودال خان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى: ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلققە يۈرگۈزگەن زۇلۇم جەۋرلىرى، ھۆكۈمران سىنىپ گۇرۇھىنىڭ ئۆز-ئارا زىددىيەت ھاكىمىيەت تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇش ماجرالىرى، ئەڭ ئاخىرى پەرغانە خانلىقىنىڭ چاروسىيە جاھاڭىرلىكى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، پەرغانە خانلىقىنىڭ چەتئەل بىلەن ۋە جاھاڭىرلار بىلەن باغلىغان “دىپلوماتىيە-تاشقى مۇناسىۋەتلىرى” موللا ئەلى قۇل تەرىپىدىن ياقۇب بەگ /بەدەۋلەت/ نىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋەقەلىرى پەرغانە خانلىقى چار روسىيە جاھاڭىرلىكى تەرىپىدىنمۇ نقەدىر؟ قىلىپ مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىنكى ۋاقەلەر ۋە ياقۇب بەگنىڭ شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن ئەڭلىيە جاھاڭىرلىكى ۋە تۇركىيە قاتارلىقلارغا باغلىغان سىياسى مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئۇ ئاخىردا مەركەز قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يىمىرىپ تاشلىنىپ شىنجاڭ رايونى ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىرىشى ۋاقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ئەھۋالىغا كەلسەك، يۇقۇرىدا بايان قىلىنغاندەك كونا پارس تىلى ۋە پارس ئەدىبلىرى ئۇسلۇبىدا يېزىلش بىلەن كوپىيە نۇسخە بولۇپ، سۆز -جۈملە تۇزۇلۇشلىرى كىنايە، ئىستىئارە، ئەرەبچە، پارسچە شىرلەر بىلەن تۇزۇلگەن بولۇپ، بىرەر ۋاقەلىكنى بايان قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەشۋىسى ماقالە-ئوخشتەۋۇشلارنى “نەزىرىيە” شەكىلىدە كەلتۇرۇلگەن. شىرلەرنى سۆزلەپ ئەڭ ئاخىردا مەخسەتكە كىرىدۇ. مۇنداق بولغانلىقتىن تەرجىمە قىلىشتىمۇ ئانچە ئاسان تۇشمەيتتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئەسەردە كەلتۇرۇلگەن شىرلەر [–پ.4–]نى شىر بىلەن تەرجىمە قىلىشقا چەلىشتۇق. شىرنى شىر بىلەن تەرجىمە قىلىش ھەممىگە مەلۇمدۇركى ئەدىبىياتتا قىيىن بىر ئىش. بولۇپمۇ ئەرەبچە، پارسچە شىرلەرنى شىر بىلەن تەرجىمە قىلىپ مەزمۇن ۋە شىرىيەت قائىدەلىرىنى ساقلاپ قىلىش، تېخىمۇ قىيىن بولۇپ،؟؟؟؟بىزدە 2-قېتىملىق ئىش بولۇپ دۇچ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمىنىڭ ئەدىبى جەھەتىدە بەزى بىر بەھتەرسىزلىكلەردىن خالى بولدۇق دىيەلىمەيمىز. كىتابخانلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزمۇ تالى؟؟؟ جەريانىدا ئۇچراتقان يىتەرسىزلىكلەرنى تەنقىدى مۇلاھىزە قىلىپ تۇزۇتۇشىمىزگە ئەمىلى ياردەم بەرسە مىننەتەئارلىق؟ بىلەن قوبۇل قىلىمىز
يەنە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئاۋتور بۇ ئەسەرگە جاۋاھەر ئال-ئاخبار فى تارىخ فەرغانە ۋە كاشغار، تارىخ-ئى فەرغانە كاشغار، تارىخ تۇركىستانى چىنى ۋە رۇسى دېگەن ئۈچ خىل نام مۆلچەرلىگەن. ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بىز بۇ ئۈچ نامىدىن تارىخ فەرغانە ۋە كاشغار دېگەن نامنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، مۇقىملاشتۇردۇق. چۈنكى ئۈچ ئىسمىدىن بىر بىرىنچىسىنىڭ مەنىسى مەخسىدى. بىزمۇ قىملاشتۇرغان ئىسىم بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئىبارەت جەھەتتە بىر ئالى سەنئەت كىرگۇزۇلگەن. ئۈچۈنچى ئىسىم ئەگەرچە تارىخى ۋە جۇغراپىيىۋى ئاتالغۇغا ئاساسەن ئەيتىلغان بولسىمۇ مۇقىملاشتۇرۇلغان ئىككىنچى ئىسسىمدەك رەۋشەن ۋە ئىجابى ئەمەس ئىدى. دېمەك، بۇ ئەسەر يۇقارىقىدەك جەرىيانلاردىن كېيىن بۈگۈن جۇڭگو گۇنچە ؟؟ ماۋجۇشى مىللى سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ۋە پەن تەتقىقات مەدىنىيەت سەھەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە قولغا كەلگەن قەلبىلەر نىتىجىسىدە يەر ئاستىداكى مۇلۇپ؟ يىتىشتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە
جۇڭگو كىشۇيۇئەن مىللەتلەر يەنجۇسوسىنىڭ
خادىمى ئابدۇرىشىد ئىسلامى
شەھرى ئۈرۈمچى
1963-يىل 8-ئاي
پ.126
…ئەمما ئەپسۇسكى ئەمىر لەشكەر موللا ئەلى قۇلى روس قوماندانىنىڭ بۇ پىكىرىنى رەت قىلدى: ئەمىر لەشكەر شۇ ۋەھىمە؟ مۇلاھىزە بىلەن رەت قىلدىكى مۇبادا ئەگەر ئۇ تەرەپ ؟؟؟؟ روسىيەگە تەۋە بولۇپ قالسا “بەش تامغالىق” جامائەسى بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەۋەلىگىدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ مىللەتكە خەيىر خاملىق قىلىشقا نىسبەتەن ياخشى ئەمەس دەپ مۇنداق خاتا پىكىر بىلەن شۇنداق غەنىمەت ئىشنى قولدىن چىقىرىپ ئەتتى.
سۆزنىڭ ھاسىلى: بىز روس قوماندانىنىڭ ئەلچىسىگە قايتىشقا رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، بۇ جايدىن كۇچۇپ چىمكەنتگە يېقىن بىر مەيدانغا چۈشتۈك. ھۇدايچىلارنىڭ يوق بولۇشى جەھەتتىن قوشۇننى سەپكە تىزىش ئىشنى ئىككىگە بۆلۈپ، بىر بۆلۈكىنى پەقىر/مۇھەممەت يۇنۇس جان/ ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەھرارخان تۆرە شاغاۋۇلغە بېرىلدى. ھەر كۈنى بىز ئىككىمىز روسىيە تەرەپكە قاراپ قاراۋۇللۇق قىلىشقا مەشغۇل بولدۇق. [–پ.127–] دېمەك بىر كۈنى ئەمىر لەشكەرغە كۆرۈنۈش سالىمى بېرىلگەندىن كېيىنھەممە ئەربابلار ۋە ئەسكەرلەر، ئەمەلدارلار بار ھالەتتە ئەمىرى لەشكەر موللا ئەلى قۇلى ياقۇب بەگ غازىغە بىر كىمخاب كىيىم ۋە مىرزا ئەھمەت قۇشبىگىگە بىر كىمخاب كىيىم كۆتۈرتۈپچىقىپ ياقۇب بەگ غازى كۆتۈرۈپ چىققان كىيىمنى پەقىرغە كەيدۇرۇپ ئالتۇن بىلەن بېرىلگەن. بىر ھاسسانى قولۇمغا بېرىپ ئۆزلىرىنى شاغاۋۇللۇق مەنسەبگە بەلگۇلەپ ئارتۇقلىدۇق. “ھازىر ئۆزلىرى شاغاۋۇلدۇرلار” دېدى. مىرزا ئەھمەت قۇشبىگى قولىدىكى كىمخاب كىيىمنى ئەھرارخان تۆرەمگە كەيدۇرۇپ ئالتۇن بىلەن بىزەلگەن ھاسسا بېرىپ “ئۆزلىرى ئودايچىلىق مەنسەبگە بەلگۇلەندىلار” دېدى. لېكىن، ئەھرارخان تۆرە ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ ئوزگەرتىلىشىگە رازى بولماي ناھايىتى قايغۇ، غەمكە چۇمدى، ئىنتايىن خىجالەت ۋە ئۇياتلىق ھىس قىلغىنىدىن بېشىنى ئۈستۈن كۆتەرەلمىدى. مىڭ مۇشەققەت بىلەن ئۆزىنى سەبىرىلىك كۆرسەتەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر كۈنى روس قوشۇنى توپ ۋە توپخانەلىرى بىلەن چىمكەنتغە يېقىن بىر دوڭغە توپلۇنۇپ سەپ تۇزدى. بىز تەرەپتىن ئىسلام ئەسكىرىنىڭ باتۇرلىرى ھەم قوپال دۈشمەڭە مۇقابىل بولۇپ ئۇرۇش ئۈچۈن سەپ تارتتى.